قارلۇقنىڭ 12 يىلى

قارلۇق - ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان، كومپيۇتېر گرافىكى ۋە يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاي ھەمكارلىق تۈزۈمىدىكى مېدىئا پەن-تېخنىكا شىركىتى.

قارلۇق شىركىتى - كومپيۇتېر گرافىكى ۋە ئىنتېرەكتىۋ يۇمشاق دېتال ساھەسىدە ھەمكارلىقتىكى خىزمەت لىنىيىسى، تەتقىقات-تەربىيىلەش- ئىشلەپچىقىرىش-تېخنىكا مۇلازىمىتى بىرگەۋدىلەشكەن ئاساسىي ئىجرائىيە مودېلى بىلەن جۇڭگونىڭ غەربىدىكى ئەڭ جانلىق يېڭى تىپتىكى مېدىئا پەن-تېخنىكا شىركىتى بولۇپ قالغۇسى!

بىر شىركەتنىڭ ئىستىقبالىنىڭ قانداق بولۇشى كەلگۈسى ئۈچۈن قانداق ئۇل ھازىرلىغانلىقىدىدۇر. قارلۇق - ئىپتىخارلىق 12 يىل بىلەن كەلگۈسى 12 يىل ئۈچۈن ئۇل ھازىرلىدى.

تۇنجى قارار يۇمشاق دېتال تەتقىقاتچىلىرى تەربىيىلەش سىنىپى ئوقۇغۇچى قوبۇللاشنى باشلىدى.
2010.01.17
تۇنجى نۆۋەتلىك قارلۇق پەسلى ئۆتكۈزۈلدى.
2010.01.17
2-قېتىملىق جىم قونچاق فىلىم مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
2010.01.10
قاپقان 3D جانلاندۇرۇم قىسقا فىلىمى تاماملاندى.
2009.12.23
كۆلەملەشتۈرۈلگەن يېڭى ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىلدى.
2009.09.23
شىركەت تىزىملىتىلغان مەبلىغى 5 مىليون يۈەنگە كۆتۈرۈلدى.
2009.07.23
قارلۇق 2000m كۆلەمدىكى يېڭى خىزمەت رايونىغا كۆچۈپ كىردى.
2009.03.15
2-قارارلىق كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى تەربىيىلەش سىنىپى دەرس باشلىدى.
2008.10.29
پاي تۈزۈلمىسىدىكى قارلۇق مېدىئا پەن-تېخنىكا شىركىتى قۇرۇلدى.
2008.09.09
قارلۇق تەجرىبىخانىسىدىكىلەر ئامېرىكىدا WWDC گە قاتناشتى، پەخرىدىن قارلۇق Palo Alto دىكى مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن كۆرۈشتى.
2008.06.09
ئابلەت ئابلا ۋە ئەكبەر ئىبىراھىم قاتارلىق ئۈچەيلەن Apple ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2008.04.15
قارلۇق Apple تەتقىقاتچىلار يىغىنى ئىچىلدى.
2008.03.09
تۇنجى جىم قونچاق فىلىم مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
2008.02.04
قارلۇق ئالما تەتقىقاتچىلار تەجرىبىخانىسى قۇرۇلدى.
2008.01.24
قارلۇق كومپيۇتېر گرافىك سەنئىتى تەربىيىلەش سىنىپى دەرس باشلىدى.
2007.08.06
پەخرىدىن قارلۇق ئامېرىكىدا Apple ۋە Gnomon شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
2007.06.27
《ھەمكارلىق 2007》ئۆتكۈزۈلدى.
2007.05.27
《17-يانۋار پىلانى》يولغا قويۇلدى.
2007.01.17
تېلېگراف قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى ئېتىراپنامىسى ئېلىندى ۋە بۇ ساھەگە قەدەم بېسىلدى.
2006.12.08
شىركەتنىڭ تىزىملىتىلغان مەبلىغى 1 مىليون يۈەنگە كۆتۈرۈلدى.
2006.03.22
135 يۈرۈش گرافىك تۈرلىرى تاماملاندى.
2005.12.31
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدا پەخرىدىن قارلۇق《بىز ھەمكارلىققا مۇھتاج》نۇتقىنى سۆزلىدى.
2005.06.18
81 يۈرۈش گرافىك تۈرلىرى تاماملاندى.
2004.12.31
گرافىك تۈرلىرى قاتلامغا ئايرىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە سىستېمىلاشتۇرۇلدى.
2004.07.10
24 يۈرۈش گرافىك تۈرلىرى تاماملاندى.
2003.12.31
گرافىك تۈرلىرى خىزمەت ئېقىمى تۈزۈپ چىقىلدى.
2003.10.20
22 يۈرۈش گرافىك تۈرلىرى تاماملاندى.
2002.12.31
قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى قۇرۇلدى.
2002.03.22
15 يۈرۈش گرافىك تۈرلىرى تاماملاندى.
2001.12.31
كەسپى سىن ئېففېكتى خىزمەت ئېقىمى تۈزۈپ چىقىلدى.
2001.02.01
تۇنجى 3D تېلېۋىزىيە ئېلانى ئىشلەندى. يىل ئاخىرىغىچە 14 يۈرۈش گرافىك تۈرلىرى تاماملاندى.
2000.05.15
قارلۇق سىتۇدىيىسى قۇرۇلدى.
2000.03.22
ئۇيغۇرچە گرافىك يۈزلۈك يېزىق-جەدۋەل بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ئىشلەندى.
1999.07.28
تۇنجى كەسپى گرافىك تەھرىرلەش كومپيۇتېرى سەپلەندى.
1999.05.20
قارلۇق كومپيۇتېر مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلدى.
1998.11.12