تېخنىكا يۈكسەلدۈرۈش پائالىيەتلىرى:
■ گۇرۇپپىلار ئىجادىيەت مۇسابىقىسى (مۇكاپاتلىق)
■ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى (يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتى زېھىن سىناش پائالىيەتلىرى)
■ دالا پائالىيىتى (كوللىكتىپ ئويۇن)
■ ئۇنىۋېرسال لېكسىيىلەر (ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تەييارلايدۇ)
خۇلاسە پائالىيەتلەر:
■ ئوقۇغۇچىلار يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت كۆرىكى
■ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى (قارلۇق پەسلى 2012)
■ تېخنىكا تونۇشتۇرۇش يىغىنى (ھەمكارلىق 2012)
يىلنامە:
2007-يىلى 27-ماي كومپيۇتېردا لايىھىلىگۈچىلەر يىغىنى 《ھەمكارلىق 2007》 ئۆتكۈزۈلدى.
2007-يىلى 19-نويابىر قارلۇق ئالما تەتقىقاتچىلار تەجرىبىخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش پىلان خىزمىتى باشلاندى.
2008-يىل 24-يانۋار قارلۇق ئالما تەتقىقاتچىلار تەجرىبىخانىسى قۇرۇلدى.
2008-يىل 9-مارت ئالما تەتقىقاتچىلار يىغىنىدا ئاشكارا دوكىلات بىرىلىپ تەجرىبىخانىنىڭ فونكىسسىيىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.
2008-يىل 7-ماي قارلۇق تەجرىبىخانىسىدىن ئابلەت ئابلا، ئەكبەر ئىبراھىم قاتارلىق ئۈچەيلەن ئالما ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
2009-يىلى 23-ئىيۇن تەتقىقات ۋە خىزمەت مۇھىتى قۇرۇلۇشى تاماملاندى.
2010-يىلى 17-يانۋار تەتقىقاتچىلار سىنپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇللاش رەسمى باشلاندى.
ئىزاھلار:
➀ قارلۇق مۇكاپاتى - قارلۇق شىركىتىنىڭ خادىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىدىن كومپيۇتېر گرافىكى ۋە يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى بويىچە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقانلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش مۇكاپاتى بولۇپ، 2010-يىلى 17-يانۋار 《قارلۇق پەسلى》دە ئېلان قىلىنغان، ئومۇمىي قىممىتى 500 مىڭ يۈەن. يۇمشاق دېتال كاتىگورىيىسى بويىچە 《قارلۇق قۇياش مۇكاپاتى》،《قارلۇق ئاي مۇكاپاتى》، 《قارلۇق يۇلتۇز مۇكاپاتى》 دەپ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.
➁ ئالما ئوقۇش مۇكاپاتى - ئالما شىركىتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەجرىبىخانا ياكى ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىدىغان مۇكاپاتى بولۇپ، 2008-يىلى دۇنيا بويىچە 350 ئوقۇغۇچى ياكى ئىنژىنېر بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
➂ قارلۇق ئالما تەتقىقاتچىلار تەجرىبىخانىسى - 2008-يىل 24-يانۋار ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ ھەمكارلىغى بىلەن قۇرۇلغان كومپيۇتېر پەنلىرى تەجرىبىخانىسى بولۇپ، رايونىمىز يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي قىممەتكە ئىگە دۇنياۋى تەتقىقات تۈرلىرىنى ئۈستىگە ئېلىپ تاماملاشنى مەقسەت قىلغان.
➃ ھەمكارلىق يىغىنى - كومپيۇتېر ساھەسىدىكى كۆپ تەرەپ ھەمكارلىغىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان رايونىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ تېخنىكا ۋە مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش يىغىنى. 2007-يىل 27-ماي قارلۇق شىركىتىنىڭ تەشكىللىشى، ئامېرىكا ئالما شىركىتى، ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ۋە ئۇيغۇر يۇمشاق دېتال ئىجادىيەت تورىنىڭ ھەمكارلىغى بىلەن 《ھەمكارلىق 2007 - كومپيۇتېردا لايىھىلىگۈچىلەر يىغىلىشى》 شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدا مۇۋەپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى.
➄ قارلۇق پەسلى - قارلۇق شىركىتىنىڭ يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان تېخنىكا كۆرىگى پائالىيىتى بولۇپ، تۇنجى 《قارلۇق پەسلى》 2010-يىلى 17-يانۋار قارلۇق شىركىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن.